ئەلكاتىپ ئىملا تەكشۈرگۈچ (2026-يىللىق نەشرى)

(1) ئۈندىدار بىلەن كىرىسىز، خالىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتەلەيسىز.
(2) سۆزلۈك ئامبىرى ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا رەتلەندى، ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەر چىقىرىۋېتىلدى.
(3) ئىملادىكى قىيىن مەسىلە بولغان ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ئىقتىدارى قوشۇلدى. مەسىلەن: تېز تاماق، تىز ئاغرىقى؛ يەر تېرىش، يەنە تىرىش؛ چاپاننى قۇزۇققا ئىلىڭ، چاپاننى ئەرزان ئېلىڭ؛ ئېشەككە مىنىڭ، بۇ ئېشەك مېنىڭ؛ قىزىل بولاق ئېلىپ، بۇلاق سۈيى ئىچىڭ...دېگەندەك
(4) تىلچىلارغا كېرەكلىك ئىقتىدارنى قوشۇلدى، ھەرپ-بەلگە، بوغۇم، سۆز، جۈملىگە پارچىلاپ، رەتلەپ ۋە ساناپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

ئەلكاتىپ ئىملا تەكشۈرگۈچ - ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ئىقتىدارى قوشۇلدى، سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.