ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى
(1) ئۈندىدار بىلەن كىرىسىز، خالىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتەلەيسىز.
(2) ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئاڭلىق كىرگۈزگۈچ تەمىنلىدۇق، يازغاندىمۇ ئىملادا خاتالاشمايسىز.
تىلچىلارغا كېرەكلىك ئىقتىدارنى قوشتۇق، ھەرپ-بەلگە، بوغۇم، سۆز، جۈملىگە پارچىلاپ، رەتلەپ ۋە ساناپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىشلەش مۇھىتى: Windows 10
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىشلەش مۇھىتى: Windows 7/8/8.1/10

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى: 2.0.0.0 (ئەسكەرتىش: بۇ نەشرى 360 ۋىرۇسخورىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدىكى باشقا ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).